Загрузка страницы

3/7/2023 ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتتا جەم بولدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر
ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتە ئىلان قىلىنغان باياناتتا، خەلقىمىزنى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەشكىللەيدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىمىز، دېيىلدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتتا جەم بولدى
قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 30-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا تەشكىللەپ كېلىۋاتقان مەزكۇر پائالىيەت قۇربان ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان ئۆلىمالار ۋە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇپ، 2000 غا يېقىن مېھمان ئىشتىراك قىلدى.

بېرلىندىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 247-يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. بۇ مۇراسىمغا گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى سىياسەتچىلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بېرلىندىكى ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يېلېن خىتايغا بارىدۇ
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن بۇ ھەپتە خىتايغا بېرىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدۇ. يېللېننىڭ خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دۇنياۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم قەدىمى دەپ قارالدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا يېللېننىڭ 6-9-ئىيۇل كۈنلىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قازاقىستان سوتى ئۆكتىچى جانبولات ماماينىڭ جازاسىنى تەستىقلىدى

ئالمۇتادىكى بىر سوت مەھكىمىسى قازاقىستان دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كانبولات مامايغا قارشى قارارنى ساقلاپ قالدى. بۇنى ئۇنىڭ فېيىسبۇك بېتىدە ئايالى ئىنگا ئىمانباي ئېلان قىلغان. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى, جانبولات ماماي «ئاممىۋى مالىمانچىلىقنى تەشكىللەش»، «يالغان ئۇچۇر تارقىتىش» جىنايىتى بىلەن ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قارارغا ئاساسەن، ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدە ئاخبارات، ئىجتىمائىي سىياسەت خىزمەلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن. بۇ قارار 29-ئىيۇن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.

فرانسىيىدىكى نامايىشلار داۋاملاشماقتا
ئىگىلىنىشچە، فرانسىيەدە ئالجىرىيەلىك بىر ياشنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك پارتلىغان نامايىشنىڭ ئالتىنچى كېچىسى157 ئادەم قولغا ئېلىنغان. فرانسىيە ساقچىلىرى 27-ئىيۇن نەنتېررېدا 3 ئادەم بولغان ماشىنىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، 17 ياشلىق شوپۇر نائېلنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغاندىن كېيىن، فرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كوچىلارغا چىققان نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.
#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur

Видео 3/7/2023 ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتتا جەم بولدى канала Rafkat Uighur
Показать
Комментарии отсутствуют
Введите заголовок:

Введите адрес ссылки:

Введите адрес видео с YouTube:

Зарегистрируйтесь или войдите с
Информация о видео
4 июля 2023 г. 0:22:17
00:03:12
Другие видео канала
05/05/2020Уйгурский вопрос в социальных сетях Турции05/05/2020Уйгурский вопрос в социальных сетях Турции8/6/2023 В США принят Закон о защите прав уйгуров8/6/2023 В США принят Закон о защите прав уйгуров18/07/2022 تۈرك دىپلومات شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىگە خوشلىشىش زىيارىتى ئېلىپ باردى18/07/2022 تۈرك دىپلومات شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىگە خوشلىشىش زىيارىتى ئېلىپ باردى17/06/2022 中国天眼发现地外文明可疑信号17/06/2022 中国天眼发现地外文明可疑信号22/02/2022  پۇتىن بىلەن ماكرون بىر كۈندە ئىككى قېتىم كۆرۈشتى22/02/2022 پۇتىن بىلەن ماكرون بىر كۈندە ئىككى قېتىم كۆرۈشتى9/2/2023 Мобилизация доноров крови уйгурских турок9/2/2023 Мобилизация доноров крови уйгурских турок02/12/2021 ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قويغان ئىمبارگوسىنى ئۇزارتتى02/12/2021 ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قويغان ئىمبارگوسىنى ئۇزارتتى8/1/2023 ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇردى8/1/2023 ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇردى09/06/2021 ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى نىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى پەرىشان قىلدى09/06/2021 ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى نىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى پەرىشان قىلدى07/03/2022 خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى07/03/2022 خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى06/09/2021 فىزۇلىدا يېڭى ياسالغان ئايرودرومدا سىناق ئۇچۇشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ06/09/2021 فىزۇلىدا يېڭى ياسالغان ئايرودرومدا سىناق ئۇچۇشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ24/02/2022  ھىندىستان ئامېرىكىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىش پىلانىنى توختاتتى24/02/2022 ھىندىستان ئامېرىكىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىش پىلانىنى توختاتتى04/02/2022 بايدىن: دائىش رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى04/02/2022 بايدىن: دائىش رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى02/07/2020 خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمى تەخمىنەن 30 دۆلەتكە كېڭەيدى02/07/2020 خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمى تەخمىنەن 30 دۆلەتكە كېڭەيدى15/12/2021 ئىيى پارتىيە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئىلان قىلدى15/12/2021 ئىيى پارتىيە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئىلان قىلدى18/3/2023 Международный уголовный суд выдал ордер на арест Путина18/3/2023 Международный уголовный суд выдал ордер на арест Путина5/12/2023  ئۇيغۇر تور چولپىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىنى ئاشكارىلىدى5/12/2023 ئۇيغۇر تور چولپىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىنى ئاشكارىلىدى15/09 ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى15/09 ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى19/10/2021  خىتاي ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە قارشى «خەلق ئۇرۇشى» چاقىرىقى قىلدى19/10/2021 خىتاي ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە قارشى «خەلق ئۇرۇشى» چاقىرىقى قىلدى26/10/2022 ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توخى 8 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە26/10/2022 ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توخى 8 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە30/01/2022 خىتاي تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلەرنى سۈيئىستىمال قىلىدۇ30/01/2022 خىتاي تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلەرنى سۈيئىستىمال قىلىدۇ
Яндекс.Метрика