Загрузка страницы

22/1/2024 خىتايدىن كەلگەن يالغان چاچلار ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ چېچىدىن ياسىلامدۇ؟

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر

خىتايدىن كەلگەن يالغان چاچلار ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ چېچىدىن ياسىلامدۇ؟
دۇنيادا تەخمىنەن 30 مىليارد دوللارلىق بازىرى بار بولغان «قارا ئالتۇن» دەپ ئاتىلىدىغان يالغان چاچلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چېچىدىن ياسالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. يالغان چاچ ئەرزان ھەم كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغاچقا، خىتاي دۇنيا چاچ بازىرىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا ئىكەن. لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرغا قامالغان ئايللارنىڭ چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلىدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىلەر بۇنى يالغان چاچ سانائىتىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىغان. شۇنداقلا، لاگېرغا قامالغان ئاياللارنىڭ چاچ زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىمۇ بۇ ئەندىشىنى كۈچەيتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇلار يېقىندا خىتايدىن تەمىنلەنگەن يالغان چاچ ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

قازاقىستاندىكى «‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىنىڭ مۇشتەرىلىرى 20 مىڭدىن ئاشقان
قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ئەڭ چوڭ گېزىت - «ئۇيغۇر ئاۋازى» نىڭ مۇشتەرى سانى 20 مىڭدىن ئېشىپ، قازاقىستاندىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ گېزىتلەرنىڭ بىر سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا. قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى جەريانى بولغان مەتبۇئاتلارنىڭ بىرى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ گېزىت 1957-يىلدىن بۇيان «كوممۇنىزم تۇغى» نامى بىلەن نەشر قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، نامى «ئۇيغۇر ئاۋازى» غا ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر بۇ گېزىت «قازاق گېزىتلىرى بىرلەشمىسى» گە كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھەپتىسىگە بىر قېتىم چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك جەمئىيەتلىك-سىياسىي گېزىت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇشتەرىلەر سانى 16320 گە يەتكەن ئىدى. بۇ يىل، يەنى 2024-يىلى بولسا مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇشتەرى سانى 20 مىڭدىن ئاشقان.

خىتايدىن روسىيەگە زەربە: دوللارغا ئالاقىدار سودا توختىتىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا رۇسىيەگە قارىتىلغان جازاغا خىلاپلىق قىلغان چەتئەل بانكىلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بانكىلىرى ئىمبارگوغا ئۇچراش ئەندىشىسى سەۋەبلىك رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن دوللار ئارقىلىق پۇل تۆلەشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. روسىيە سودا-سانائەتچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئىزۋېستىيا گېزىتىگە، بۇ قاراردىن كېيىن، خىتاي بانكىلىرىنىڭ رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىدار دوللار يۆتكەشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى يەنە ئاز دېگەندە ئىككى خىتاي بانكىسىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە روسىيەدىن كەلگەن بارلىق كارخانا خېرىدارلىرىنىڭ ھېساباتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەرگە قارىغاندا، بانكىلار ئىمبارگوغا ئۇچىرغان شىركەتلەر ياكى بۇ شىركەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان.

قىرغىزىستاندا بالىلارغا ئالاقىدار ئانا تىلىدىكى ماتېرىياللارنىڭ كەمچىللىكى تالاش-تارتىش قوزغىدى
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە بالىلار ئۈچۈن قىرغىز تىلىدىكى ماتېرىياللارنىڭ كەملىكى ۋە سۈپىتى ئاممىۋى مۇنازىرە قوزغىدى. قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە «بالام ئۈچۈن قىرغىزچە مەزمۇن» ناملىق مۇنازىرە شەكلىدىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بالىلارغا قىرغىغچە مەزمۇنىنىڭ كەمچىللىكى مۇزاكىرە قىلىنغان. 20-يانۋار «تۇرار» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە تىلشۇناسلار، يازغۇچىلار، ئالىملار، بالىلار مائارىپچىلىرى، مەزمۇن ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە نۇرغۇن ئائىلىلەر قاتناشقان.

شىمالىي كورىيەدە ئىككى بالا كورىيەنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلاندى
شىمالىي كورىيەدە 16 ياشلىق ئىككى بالا كورىيەنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە ۋە 12 يىل جاپالىق ئەمگەككە ھۆكۈم قىلىندى. 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردە، شىمالىي كورىيەدە كورىيەنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن سوتلانغان ئىككى ياشنىڭ بىر تەنتەربىيە مەيدانىدا يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئوچۇق سوتلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

فلورىدا شىتاتىنىڭ باشلىقى دېسانتىس ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى رىقابىتىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكىدا فلورىدا شىتاتىنىڭ باشلىقى رون دېسانتىس ئۆزىنىڭ 2024-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا كاندىداتلىقتىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپقا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «كوۋىد -19 يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئانتونىي فاۋچىنى تاللىشى سەۋەبىدىن دونالد ترامپ بىلەن بەزى ئىختىلاپلىرىمىز بولدى. ئەمما، تىرامپنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنت جوۋ بايدىندىن ياخشى ئىكەنلىكى ئېننق».
#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur

Видео 22/1/2024 خىتايدىن كەلگەن يالغان چاچلار ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ چېچىدىن ياسىلامدۇ؟ канала Rafkat Uighur
Показать
Комментарии отсутствуют
Введите заголовок:

Введите адрес ссылки:

Введите адрес видео с YouTube:

Зарегистрируйтесь или войдите с
Информация о видео
22 января 2024 г. 21:43:56
00:04:55
Другие видео канала
05/05/2020Уйгурский вопрос в социальных сетях Турции05/05/2020Уйгурский вопрос в социальных сетях Турции8/6/2023 В США принят Закон о защите прав уйгуров8/6/2023 В США принят Закон о защите прав уйгуров18/07/2022 تۈرك دىپلومات شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىگە خوشلىشىش زىيارىتى ئېلىپ باردى18/07/2022 تۈرك دىپلومات شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىگە خوشلىشىش زىيارىتى ئېلىپ باردى17/06/2022 中国天眼发现地外文明可疑信号17/06/2022 中国天眼发现地外文明可疑信号22/02/2022  پۇتىن بىلەن ماكرون بىر كۈندە ئىككى قېتىم كۆرۈشتى22/02/2022 پۇتىن بىلەن ماكرون بىر كۈندە ئىككى قېتىم كۆرۈشتى9/2/2023 Мобилизация доноров крови уйгурских турок9/2/2023 Мобилизация доноров крови уйгурских турок02/12/2021 ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قويغان ئىمبارگوسىنى ئۇزارتتى02/12/2021 ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قويغان ئىمبارگوسىنى ئۇزارتتى8/1/2023 ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇردى8/1/2023 ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇردى09/06/2021 ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى نىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى پەرىشان قىلدى09/06/2021 ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى نىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى پەرىشان قىلدى07/03/2022 خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى07/03/2022 خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى06/09/2021 فىزۇلىدا يېڭى ياسالغان ئايرودرومدا سىناق ئۇچۇشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ06/09/2021 فىزۇلىدا يېڭى ياسالغان ئايرودرومدا سىناق ئۇچۇشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ24/02/2022  ھىندىستان ئامېرىكىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىش پىلانىنى توختاتتى24/02/2022 ھىندىستان ئامېرىكىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىش پىلانىنى توختاتتى04/02/2022 بايدىن: دائىش رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى04/02/2022 بايدىن: دائىش رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى02/07/2020 خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمى تەخمىنەن 30 دۆلەتكە كېڭەيدى02/07/2020 خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمى تەخمىنەن 30 دۆلەتكە كېڭەيدى15/12/2021 ئىيى پارتىيە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئىلان قىلدى15/12/2021 ئىيى پارتىيە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئىلان قىلدى18/3/2023 Международный уголовный суд выдал ордер на арест Путина18/3/2023 Международный уголовный суд выдал ордер на арест Путина5/12/2023  ئۇيغۇر تور چولپىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىنى ئاشكارىلىدى5/12/2023 ئۇيغۇر تور چولپىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىنى ئاشكارىلىدى15/09 ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى15/09 ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى19/10/2021  خىتاي ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە قارشى «خەلق ئۇرۇشى» چاقىرىقى قىلدى19/10/2021 خىتاي ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە قارشى «خەلق ئۇرۇشى» چاقىرىقى قىلدى26/10/2022 ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توخى 8 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە26/10/2022 ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توخى 8 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە30/01/2022 خىتاي تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلەرنى سۈيئىستىمال قىلىدۇ30/01/2022 خىتاي تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلەرنى سۈيئىستىمال قىلىدۇ
Яндекс.Метрика